Quran Apps in many lanuages:

Surah Al-Maeda Ayahs #77 Translated in Uyghur

لَقَدْ كَفَرَ الَّذِينَ قَالُوا إِنَّ اللَّهَ ثَالِثُ ثَلَاثَةٍ ۘ وَمَا مِنْ إِلَٰهٍ إِلَّا إِلَٰهٌ وَاحِدٌ ۚ وَإِنْ لَمْ يَنْتَهُوا عَمَّا يَقُولُونَ لَيَمَسَّنَّ الَّذِينَ كَفَرُوا مِنْهُمْ عَذَابٌ أَلِيمٌ
اﷲ ئۈچ ئىلاھنىڭ بىرىدۇر، دېگۈچىلەر شەكسىز كاپىر بولدى. بىر ئىلاھتىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر. ئەگەر ئۇلار ئېيتىۋاتقان سۆزلىرىدىن قايتمىسا، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى كاپىر بولغانلار (دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە) قاتتىق ئازابقا قالىدۇ
أَفَلَا يَتُوبُونَ إِلَى اللَّهِ وَيَسْتَغْفِرُونَهُ ۚ وَاللَّهُ غَفُورٌ رَحِيمٌ
ئۇلار اﷲ قا تەۋبە قىلمامدۇ؟ اﷲ تىن مەغپىرەت تەلەپ قىلمامدۇ؟ اﷲ (تەۋبە قىلغۇچىلارغا) ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر
مَا الْمَسِيحُ ابْنُ مَرْيَمَ إِلَّا رَسُولٌ قَدْ خَلَتْ مِنْ قَبْلِهِ الرُّسُلُ وَأُمُّهُ صِدِّيقَةٌ ۖ كَانَا يَأْكُلَانِ الطَّعَامَ ۗ انْظُرْ كَيْفَ نُبَيِّنُ لَهُمُ الْآيَاتِ ثُمَّ انْظُرْ أَنَّىٰ يُؤْفَكُونَ
مەريەم ئوغلى ئىسا پەقەت (ئۆتكەن پەيغەمبەرلەرگە ئوخشاش) پەيغەمبەردۇر، ئۇنىڭدىن ئىلگىرى نۇرغۇن پەيغەمبەرلەر ئۆتكەن، ئۇنىڭ ئانىسى ناھايىتى راستچىل خوتۇندۇر، ئۇ ئىككىسى تاماق يەيتتى (يەنە ئۇلارمۇ باشقا مەخلۇقلارغا ئوخشاشلا گۆش، سۆڭەك، تومۇر ۋە پەيلەردىن تەركىب تاپقان ئىدى). ئۇلارغا (يەنى ئۇلارنىڭ ئېتىقادىنىڭ باتىللىقىغا) ئايەتلىرىمىزنى قانداق بايان قىلىدىغانلىقىمىزغا قارىغىن؛ ئاندىن ئۇلارنىڭ ھەقتىن قانداق باش تارتقانلىقىغا قارىغىن
قُلْ أَتَعْبُدُونَ مِنْ دُونِ اللَّهِ مَا لَا يَمْلِكُ لَكُمْ ضَرًّا وَلَا نَفْعًا ۚ وَاللَّهُ هُوَ السَّمِيعُ الْعَلِيمُ
(ئى مۇھەممەد!) «سىلەر اﷲ تىن باشقا، سىلەرگە پايدا - زىيان يەتكۈزۈشكە قادىر بولالمايدىغان نەرسىلەرگە چوقۇنامسىلەر؟» دېگىن. اﷲ بولسا (سۆزۈڭلارنى) ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، (ئەھۋالىڭلارنى) بىلىپ تۇرغۇچىدۇر
قُلْ يَا أَهْلَ الْكِتَابِ لَا تَغْلُوا فِي دِينِكُمْ غَيْرَ الْحَقِّ وَلَا تَتَّبِعُوا أَهْوَاءَ قَوْمٍ قَدْ ضَلُّوا مِنْ قَبْلُ وَأَضَلُّوا كَثِيرًا وَضَلُّوا عَنْ سَوَاءِ السَّبِيلِ
(ئى مۇھەممەد!)» ئى ئەھلى كىتاب! (يەنى يەھۇدىيلار ۋە ناسارالار) دىنىڭلاردا ھەقسىز رەۋىشتە چەكتىن ئېشىپ كەتمەڭلار، ئىلگىرى ئۆزلىرى ئازغان، نۇرغۇن كىشىلەرنى ئازدۇرغان ۋە توغرا يولدىن ئاداشقان قەۋمنىڭ نەپسى خاھىشلىرىغا ئەگەشمەڭلار» دېگىن

Choose other languages: