Quran Apps in many lanuages:

Surah Al-Isra Ayahs #97 Translated in Uyghur

أَوْ يَكُونَ لَكَ بَيْتٌ مِنْ زُخْرُفٍ أَوْ تَرْقَىٰ فِي السَّمَاءِ وَلَنْ نُؤْمِنَ لِرُقِيِّكَ حَتَّىٰ تُنَزِّلَ عَلَيْنَا كِتَابًا نَقْرَؤُهُ ۗ قُلْ سُبْحَانَ رَبِّي هَلْ كُنْتُ إِلَّا بَشَرًا رَسُولًا
ياكى سېنىڭ ئالتۇندىن ئۆيۈڭ بولسۇن، ياكى سەن (شوتا بىلەن) ئاسمانغا چىققىن، تاكى (اﷲ تەرىپىدىن سېنىڭ ئۇنىڭ بەندىسى ۋە پەيغەمبەرلىكى ئىكەنلىكىڭ يېزىلغان) بىز ئوقۇيالايدىغان بىر كىتابنى ئېلىپ چۈشمىگىچە سېنىڭ ئاسمانغا چىققانلىقىڭغا ھەرگىز ئىشەنمەيمىز». (ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، «اﷲ پاكتۇر، مەن پەقەت بىر پەيغەمبەر ئىنسانمەن (اﷲ نىڭ ئىزنى بولمىسا ھېچ ئادەم بىرەر مۆجىزە كەلتۈرەلمەيدۇ)»
وَمَا مَنَعَ النَّاسَ أَنْ يُؤْمِنُوا إِذْ جَاءَهُمُ الْهُدَىٰ إِلَّا أَنْ قَالُوا أَبَعَثَ اللَّهُ بَشَرًا رَسُولًا
ئۇلار (يەنى مۇشرىكلار) نىڭ ئۆزلىرىگە ھىدايەت (يەنى پەيغەمبەر بىلەن قۇرئان) كەلگەن چاغدا ئىمان ئېيتماسلىقلىرى «اﷲ ئىنساننى پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتەمدۇ؟» دېگەنلىكلىرى ئۈچۈندۇر
قُلْ لَوْ كَانَ فِي الْأَرْضِ مَلَائِكَةٌ يَمْشُونَ مُطْمَئِنِّينَ لَنَزَّلْنَا عَلَيْهِمْ مِنَ السَّمَاءِ مَلَكًا رَسُولًا
(ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، «مۇبادا زېمىندا (يەنى زېمىن ئەھلىدەك) مېڭىپ يۈرۈيدىغان، ئولتۇراقلاشقان پەرىشتىلەر بولسا ئىدى، ئەلۋەتتە ئۇلارغا ئاسماندىن پەرىشتىنى پەيغەمبەر قىلىپ چۈشۈرەتتۇق»
قُلْ كَفَىٰ بِاللَّهِ شَهِيدًا بَيْنِي وَبَيْنَكُمْ ۚ إِنَّهُ كَانَ بِعِبَادِهِ خَبِيرًا بَصِيرًا
(ئى مۇھەممەد‍! (ئېيتقىنكى، «اﷲ مەن بىلەن سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا مېنىڭ راستلىقىمغا گۇۋاھ بولۇشقا يېتەرلىكتۇر. اﷲ ھەقىقەتەن بەندىلىرىنىڭ (ئەھۋالىنى) بىلىپ تۇرغۇچىدۇر. كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر»
وَمَنْ يَهْدِ اللَّهُ فَهُوَ الْمُهْتَدِ ۖ وَمَنْ يُضْلِلْ فَلَنْ تَجِدَ لَهُمْ أَوْلِيَاءَ مِنْ دُونِهِ ۖ وَنَحْشُرُهُمْ يَوْمَ الْقِيَامَةِ عَلَىٰ وُجُوهِهِمْ عُمْيًا وَبُكْمًا وَصُمًّا ۖ مَأْوَاهُمْ جَهَنَّمُ ۖ كُلَّمَا خَبَتْ زِدْنَاهُمْ سَعِيرًا
كىمكى اﷲ ھىدايەت قىلغان ئىكەن ئۇ ھىدايەت تاپقۇچىدۇر، اﷲ گۇمراھ قىلغان ئادەمگە اﷲ تىن باشقا (ئازابتىن قۇتۇلدۇرىدىغان) ھېچ ياردەمچىلەرنى تاپالمايسەن، قىيامەت كۈنى ئۇلارنى دۈم ياتقۇزۇپ (سۆرەلگەن) كۆر، گاچا، گاس ھالدا يىغىمىز، ئۇلارنىڭ جايى جەھەننەم بولىدۇ، (جەھەننەمنىڭ) ئوتى پەسلەپ قالسا، ئۇلارغا (ئوتنى) تېخىمۇ يالقۇنجىتىمىز

Choose other languages: