Quran Apps in many lanuages:

Surah Al-Hujraat Ayahs #17 Translated in Uyghur

يَا أَيُّهَا النَّاسُ إِنَّا خَلَقْنَاكُمْ مِنْ ذَكَرٍ وَأُنْثَىٰ وَجَعَلْنَاكُمْ شُعُوبًا وَقَبَائِلَ لِتَعَارَفُوا ۚ إِنَّ أَكْرَمَكُمْ عِنْدَ اللَّهِ أَتْقَاكُمْ ۚ إِنَّ اللَّهَ عَلِيمٌ خَبِيرٌ
ئى ئىنسانلار! سىلەرنى بىز ھەقىقەتەن بىر ئەر، بىر ئايالدىن، (ئادەم بىلەن ھەۋۋادىن ئىبارەت) بىر ئاتا بىر ئانىدىن ياراتتۇق ئۆز ئارا تونۇشۇشۇڭلار ئۈچۈن سىلەرنى نۇرغۇن مىللەت ۋە ئۇرۇق قىلدۇق، ھەقىقەتەن ئەڭ تەقۋادار بولغانلىرىڭلار اﷲ نىڭ دەرگاھىدا ئەڭ ھۆرمەتلىك ھېسابلىنىسىلەر (يەنى كىشىلەرنىڭ بىر - بىرىدىن ئارتۇق بولۇشى نەسەب بىلەن ئەمەس، تەقۋادارلىق بىلەن بولىدۇ)، اﷲ ھەقىقەتەن ھەممىنى بىلگۈچىدۇر، ھەممىدىن خەۋەرداردۇر
قَالَتِ الْأَعْرَابُ آمَنَّا ۖ قُلْ لَمْ تُؤْمِنُوا وَلَٰكِنْ قُولُوا أَسْلَمْنَا وَلَمَّا يَدْخُلِ الْإِيمَانُ فِي قُلُوبِكُمْ ۖ وَإِنْ تُطِيعُوا اللَّهَ وَرَسُولَهُ لَا يَلِتْكُمْ مِنْ أَعْمَالِكُمْ شَيْئًا ۚ إِنَّ اللَّهَ غَفُورٌ رَحِيمٌ
ئەئرابىلار: «ئىمان ئېيتتۇق» دەيدۇ، (ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، «(تېخى) ئىمان ئېيتمىدىڭلار ۋە لېكىن سىلەر بويسۇندۇق دەڭلار، ئىمان تېخى دىلىڭلارغا كىرمىدى، ئەگەر سىلەر اﷲ قا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىتائەت قىلساڭلار، اﷲ سىلەرنىڭ ئەمەلىڭلاردىن ھېچ نەرسىنى كېمەيتىۋەتمەيدۇ، اﷲ ھەقىقەتەن (مۆمىنلەرگە) ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، (ئۇلارغا) ناھايىتى مېھرىباندۇر
إِنَّمَا الْمُؤْمِنُونَ الَّذِينَ آمَنُوا بِاللَّهِ وَرَسُولِهِ ثُمَّ لَمْ يَرْتَابُوا وَجَاهَدُوا بِأَمْوَالِهِمْ وَأَنْفُسِهِمْ فِي سَبِيلِ اللَّهِ ۚ أُولَٰئِكَ هُمُ الصَّادِقُونَ
شۈبھىسىزكى، (ھەقىقي) مۆمىنلەر اﷲ قا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىمان كەلتۈرگەن، ئاندىن (ئىمانىدا) شەك كەلتۈرمىگەن، ماللىرى بىلەن، جانلىرى بىلەن اﷲ نىڭ يولىدا جىھاد قىلغانلاردۇر، ئەنە شۇلار (ئىمان دەۋاسىدا) راستچىللاردۇر»
قُلْ أَتُعَلِّمُونَ اللَّهَ بِدِينِكُمْ وَاللَّهُ يَعْلَمُ مَا فِي السَّمَاوَاتِ وَمَا فِي الْأَرْضِ ۚ وَاللَّهُ بِكُلِّ شَيْءٍ عَلِيمٌ
(ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «اﷲ قا دىنىڭلارنى (يەنى دىنىڭلارنى دىلىڭلارنىڭ تەستىق قىلغانلىقىنى) خەۋەر قىلامسىلەر؟ ھالبۇكى، اﷲ ئاسمانلاردىكىنى ۋە زېمىندىكىنى بىلىپ تۇرىدۇ، اﷲ ھەممە نەرسىنى بىلگۈچىدۇر»
يَمُنُّونَ عَلَيْكَ أَنْ أَسْلَمُوا ۖ قُلْ لَا تَمُنُّوا عَلَيَّ إِسْلَامَكُمْ ۖ بَلِ اللَّهُ يَمُنُّ عَلَيْكُمْ أَنْ هَدَاكُمْ لِلْإِيمَانِ إِنْ كُنْتُمْ صَادِقِينَ
ئۇلار ساڭا مۇسۇلمان بولغانلىقىنى مىننەت قىلىدۇ، (ئۇلارغا) «سىلەر ماڭا مۇسۇلمان بولغانلىقىڭلارنى مىننەت قىلماڭلار، بەلكى اﷲ سىلەرنى ئىمانغا ھىدايەت قىلغانلىقىنى مىننەت قىلىدۇ، ئەگەر سىلەر راست (مۆمىن) بولساڭلار» دېگىن

Choose other languages: