Quran Apps in many lanuages:

Surah Al-Anaam Ayahs #124 Translated in Uyghur

وَذَرُوا ظَاهِرَ الْإِثْمِ وَبَاطِنَهُ ۚ إِنَّ الَّذِينَ يَكْسِبُونَ الْإِثْمَ سَيُجْزَوْنَ بِمَا كَانُوا يَقْتَرِفُونَ
ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن گۇناھلارنى تەرك ئېتىڭلار، شۈبھىسىزكى، گۇناھ قىلغۇچىلار ئۆز قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن (ئاخىرەتتە) جازاغا تارتىلىدۇ
وَلَا تَأْكُلُوا مِمَّا لَمْ يُذْكَرِ اسْمُ اللَّهِ عَلَيْهِ وَإِنَّهُ لَفِسْقٌ ۗ وَإِنَّ الشَّيَاطِينَ لَيُوحُونَ إِلَىٰ أَوْلِيَائِهِمْ لِيُجَادِلُوكُمْ ۖ وَإِنْ أَطَعْتُمُوهُمْ إِنَّكُمْ لَمُشْرِكُونَ
(ئى مۆمىنلەر!) اﷲ نىڭ ئىسمى ئېيتىلماي بوغۇزلانغان (يەنى بىسمىللاە دەپ زەبھى قىلىنمىغان) ھايۋانلارنى يېمەڭلار، ئۇنى يېيىش ئەلۋەتتە گۇناھتۇر. شۈبھىسىزكى، شەيتانلار ئۆز دوستلىرىنى (يەنى مۇشرىكلارنى) سىلەر بىلەن دەتالاش قىلىشقا ۋەسۋەسە قىلىدۇ، ئەگەر ئۇلارغا ئىتائەت قىلساڭلار، سىلەر چوقۇم مۇشرىك بولۇپ قالىسىلەر
أَوَمَنْ كَانَ مَيْتًا فَأَحْيَيْنَاهُ وَجَعَلْنَا لَهُ نُورًا يَمْشِي بِهِ فِي النَّاسِ كَمَنْ مَثَلُهُ فِي الظُّلُمَاتِ لَيْسَ بِخَارِجٍ مِنْهَا ۚ كَذَٰلِكَ زُيِّنَ لِلْكَافِرِينَ مَا كَانُوا يَعْمَلُونَ
ئەسلىدە ئۆلۈك (يەنى كاپىر) بولۇپ، بىز ئۇنى (يەنى ئۇنىڭ قەلبىنى ئىمان بىلەن) تىرىلدۈرگەن، بىز ئۇنىڭغا كىشىلەر ئارىسىدا ھىدايەت تېپىشقا نۇر بەرگەن بىر ئادەم زۇلمەتتە (يەنى كۇفرىنىڭ قاراڭغۇلۇقىدا) قالغان ۋە ئۇنىڭدىن قۇتۇلالمىغان بىر ئادەم بىلەن ئوخشاشمۇ؟ كاپىرلارغا ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرى ئەنە شۇنداق چىرايلىق كۆرسىتىلدى
وَكَذَٰلِكَ جَعَلْنَا فِي كُلِّ قَرْيَةٍ أَكَابِرَ مُجْرِمِيهَا لِيَمْكُرُوا فِيهَا ۖ وَمَا يَمْكُرُونَ إِلَّا بِأَنْفُسِهِمْ وَمَا يَشْعُرُونَ
ھىيلە - مىكىر ئىشلىتىشلىرى ئۈچۈن (مەككىدە قۇرەيشنىڭ چوڭلىرىنى باش گۇناھكار قىلغىنىمىزدەك)، ھەر بىر شەھەرنىڭ چوڭلىرىنى باش گۇناھكار قىلدۇق، ئۇلارنىڭ ئىشلەتكەن ھىيلە - مىكىرلىرى ئۆزلىرىگە يانىدۇ (يەنى ئۇلار شۇ ھىيلە - مىكىرلەرنىڭ ۋابالىغا قالىدۇ)، ئۇلار (بۇنى) سەزمەيدۇ
وَإِذَا جَاءَتْهُمْ آيَةٌ قَالُوا لَنْ نُؤْمِنَ حَتَّىٰ نُؤْتَىٰ مِثْلَ مَا أُوتِيَ رُسُلُ اللَّهِ ۘ اللَّهُ أَعْلَمُ حَيْثُ يَجْعَلُ رِسَالَتَهُ ۗ سَيُصِيبُ الَّذِينَ أَجْرَمُوا صَغَارٌ عِنْدَ اللَّهِ وَعَذَابٌ شَدِيدٌ بِمَا كَانُوا يَمْكُرُونَ
ئۇلارغا (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ راست پەيغەمبەرلىكىنى كۆرسىتىدىغان) بىرەر مۆجىزە كەلگەن چاغدا، (ئۇلار) بىزگە پەيغەمبەرلەرگە بېرىلگەن مۆجىزە بېرىلمىگۈچە (ئۇنىڭغا) ھەرگىز ئىشەنمەيمىز، دەيدۇ. اﷲ پەيغەمبەرلىك ۋەزىپىسىنى قەيەرگە ئورنىتىشنى (يەنى كىمنىڭ ئۇنىڭ ئەھلى بولىدىغانلىقىنى) ئوبدان بىلىدۇ، (بۇ) گۇناھكارلار ئۆزلىرى ئىشلەتكەن ھىيلە - مىكىرلەر تۈپەيلىدىن اﷲ نىڭ دەرگاھىدا خورلۇققا ۋە قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ

Choose other languages: