Quran Apps in many lanuages:

Surah Al-Ankabut Ayahs #21 Translated in Uyghur

إِنَّمَا تَعْبُدُونَ مِنْ دُونِ اللَّهِ أَوْثَانًا وَتَخْلُقُونَ إِفْكًا ۚ إِنَّ الَّذِينَ تَعْبُدُونَ مِنْ دُونِ اللَّهِ لَا يَمْلِكُونَ لَكُمْ رِزْقًا فَابْتَغُوا عِنْدَ اللَّهِ الرِّزْقَ وَاعْبُدُوهُ وَاشْكُرُوا لَهُ ۖ إِلَيْهِ تُرْجَعُونَ
سىلەر اﷲ نى قويۇپ بۇتلارغىلا ئىبادەت قىلىسىلەر (بۇتلارنى ئۆز قولۇڭلار بىلەن ياسىۋالغانسىلەر، بۇتلارنىڭ قولىدىن پايدا - زىيان كەلمەيدۇ) ۋە يالغاننىلا ئويدۇرىسىلەر، سىلەرنىڭ اﷲ نى قويۇپ چوقۇنۇۋاتقىنىڭلار (يەنى بۇتلار) سىلەرگە رىزىق بېرىشكە قادىر ئەمەس، رىزىقنى اﷲ نىڭ دەرگاھىدىن تەلەپ قىلىڭلار (رىزىق بېرىشكە پەقەت اﷲ نىڭ ئۆزى قادىردۇر)، اﷲ قا ئىبادەت قىلىڭلار ۋە ئۇنىڭغا شۈكۈر قىلىڭلار، اﷲ نىڭ دەرگاھىغا قايتۇرۇلىسىلەر
وَإِنْ تُكَذِّبُوا فَقَدْ كَذَّبَ أُمَمٌ مِنْ قَبْلِكُمْ ۖ وَمَا عَلَى الرَّسُولِ إِلَّا الْبَلَاغُ الْمُبِينُ
سىلەر (مېنى) ئىنكار قىلساڭلار (ئىنكار قىلغانلىقىڭلار بىلەن ماڭا قىلچەزىيان يەتكۈزەلمەيسىلەر، پەقەت ئۆزۈڭلارغا زىيان يەتكۈزىسىلەر)، سىلەردىن ئىلگىرىكى نۇرغۇن ئۈممەتلەرمۇ) پەيغەمبەرلىرىنى (ئىنكار قىلغان) شۇنىڭ بىلەن ئۇلارغا اﷲ ئازابى نازىل بولغان، سىلەرگىمۇ شۇنداق ئازاب نازىل بولىدۇ)، پەيغەمبەرنىڭ مەسئۇلىيىتى پەقەت (اﷲ نىڭ ئەمرلىرىنى) چۈشىنىشلىك قىلىپ يەتكۈزۈشتۇر»
أَوَلَمْ يَرَوْا كَيْفَ يُبْدِئُ اللَّهُ الْخَلْقَ ثُمَّ يُعِيدُهُ ۚ إِنَّ ذَٰلِكَ عَلَى اللَّهِ يَسِيرٌ
ئۇلار (يەنى ئىنكار قىلغۇچىلار) اﷲ نىڭ مەخلۇقاتىنى دەسلەپتە يوقتىن قانداق بارلىققا كەلتۈرگەنلىكىنى، ئاندىن ئۇنى (ئۆلگەندىن كېيىن) تىرىلدۈرىدىغانلىقىنى كۆرمىدىمۇ؟ بۇ اﷲ قا ھەقىقەتەن ئاساندۇر (ئۇلار بۇنى قانداقمۇ ئىنكار قىلىدۇ، دەسلەپتە يارىتىشقا قادىر بولغان زات قايتا ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە ئەلۋەتتە قادىردۇر)
قُلْ سِيرُوا فِي الْأَرْضِ فَانْظُرُوا كَيْفَ بَدَأَ الْخَلْقَ ۚ ثُمَّ اللَّهُ يُنْشِئُ النَّشْأَةَ الْآخِرَةَ ۚ إِنَّ اللَّهَ عَلَىٰ كُلِّ شَيْءٍ قَدِيرٌ
ئېيتقىنكى، «زېمىندا سەير قىلىڭلار، اﷲ نىڭ مەخلۇقاتىنى قانداق قىلىپ (يوقتىن) بار قىلغانلىقىغا قاراڭلار، ئاندىن اﷲ ئۇلارنى (قىيامەتتە) قايتا پەيدا قىلىدۇ، اﷲ ھەقىقەتەن ھەممە نەرسىگە قادىردۇر
يُعَذِّبُ مَنْ يَشَاءُ وَيَرْحَمُ مَنْ يَشَاءُ ۖ وَإِلَيْهِ تُقْلَبُونَ
اﷲ خالىغان ئادەمنى جازالايدۇ، خالىغان ئادەمگە رەھمەت قىلىدۇ، (قىيامەتتە) اﷲ نىڭ دەرگاھىغا قايتۇرۇلىسىلەر

Choose other languages: