Quran Apps in many lanuages:

Surah Al-Mursalat Ayahs #5 Translated in Uyghur

وَالْمُرْسَلَاتِ عُرْفًا
ئارقىمۇئارقا چىققۇچى (لەرزان) شاماللار بىلەن قەسەمكى،
فَالْعَاصِفَاتِ عَصْفًا
قاتتىق چىققۇچى بورانلار بىلەن قەسەمكى،
وَالنَّاشِرَاتِ نَشْرًا
(بۇلۇتلارنى اﷲ خالىغان تەرەپلەرگە) تارقاتقۇچى شاماللار بىلەن قەسەمكى،
فَالْفَارِقَاتِ فَرْقًا
(ھەق بىلەن باتىلنىڭ، ھارام بىلەن ھالالنىڭ) ئارىسىنى ئايرىغۇچى پەرىشتىلەر بىلەن قەسەمكى،
فَالْمُلْقِيَاتِ ذِكْرًا
(بەندىلەرگە) ئۆزرە (قالدۇرماسلىق) ياكى (اﷲ نىڭ ئازابىدىن) ئاگاھلاندۇرۇش ئۈچۈن ۋەھىينى (پەيغەمبەرلەرگە) ئېلىپ چۈشكۈچى پەرىشتىلەر بىلەن قەسەمكى،

Choose other languages: