Quran Apps in many lanuages:

Surah Al-Ankabut Ayahs #30 Translated in Uyghur

فَآمَنَ لَهُ لُوطٌ ۘ وَقَالَ إِنِّي مُهَاجِرٌ إِلَىٰ رَبِّي ۖ إِنَّهُ هُوَ الْعَزِيزُ الْحَكِيمُ
لۇت ئىبراھىمغا ئىمان ئېيتتى. ئىبراھىم ئېيتتى: «مەن چوقۇم پەرۋەردىگارىم تەرىپىگە ھىجرەت قىلىمەن (يەنى اﷲ نىڭ رازىلىقىنى ئىزدەش يۈزىسىدىن ۋەتىنىمنى تەرك ئېتىپ، اﷲ ئەمر قىلغان جايغا ھىجرەت قىلىپ بارىمەن). اﷲ ھەقىقەتەن غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر»
وَوَهَبْنَا لَهُ إِسْحَاقَ وَيَعْقُوبَ وَجَعَلْنَا فِي ذُرِّيَّتِهِ النُّبُوَّةَ وَالْكِتَابَ وَآتَيْنَاهُ أَجْرَهُ فِي الدُّنْيَا ۖ وَإِنَّهُ فِي الْآخِرَةِ لَمِنَ الصَّالِحِينَ
ئىبراھىمغا ئىسھاقنى، يەئقۇبنى ئاتا قىلدۇق (يەنى ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام خۇدالىق ئۈچۈن قەۋمىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن، ياخشى پەرزەنت ئىسھاقنى بەردۇق ۋە ئىسھاقنىڭ ئوغلى بولغان نەۋرىسى يەئقۇبنى بەردۇق)، (ئۇنىڭدىن كېيىن) پەيغەمبەرلىكنى، كىتابنى (يەنى ساماۋى كىتابلارنى) ئۇنىڭ ئەۋلادىغا خاس قىلدۇق، دۇنيادىكى مۇكاپاتنى ئۇنىڭغا ئاتا قىلدۇق (يەنى جەمئى دىنلاردا ئۇنى ياخشى نامغا ئىگە قىلدۇق)، ئۇ ھەقىقەتەن ئاخىرەتتە ياخشى بەندىلەردىندۇر
وَلُوطًا إِذْ قَالَ لِقَوْمِهِ إِنَّكُمْ لَتَأْتُونَ الْفَاحِشَةَ مَا سَبَقَكُمْ بِهَا مِنْ أَحَدٍ مِنَ الْعَالَمِينَ
لۇتنى (قەۋمىگە پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتتۇق)، ئەينى ۋاقىتتا ئۇ قەۋمىگە ئېيتتى: «سىلەر ھەقىقەتەن قەبىھ ئىش قىلىۋاتىسىلەر، سىلەردىن ئىلگىرى جاھان ئەھلىدىن بىرىمۇ مۇنداق قەبىھ ئىشنى قىلغان ئەمەس
أَئِنَّكُمْ لَتَأْتُونَ الرِّجَالَ وَتَقْطَعُونَ السَّبِيلَ وَتَأْتُونَ فِي نَادِيكُمُ الْمُنْكَرَ ۖ فَمَا كَانَ جَوَابَ قَوْمِهِ إِلَّا أَنْ قَالُوا ائْتِنَا بِعَذَابِ اللَّهِ إِنْ كُنْتَ مِنَ الصَّادِقِينَ
سىلەر ھەقىقەتەن لىۋاتە قىلامسىلەر؟ يوللارنى توسۇپ بۇلاڭچىلىق قىلامسىلەر؟ سورۇنلىرىڭلاردا ئوپئوچۇق يامان ئىشلارنى قىلىۋېرەمسىلەر؟» ئۇنىڭ قەۋمىنىڭ جاۋابى: «ئەگەر سەن راستچىللاردىن بولساڭ، بىزگە اﷲ نىڭ ئازابىنى كەلتۈرگىن» دېيىشتىنلا ئىبارەت بولدى
قَالَ رَبِّ انْصُرْنِي عَلَى الْقَوْمِ الْمُفْسِدِينَ
لۇت: «پەرۋەردىگارىم! بۇزغۇنچى قەۋمگە قارشى ماڭا ياردەم بەرگىن (يەنى ئۇلارنى ھالاك قىلىپ ماڭا ياردەم بەرگىن، ئۇلار بۇزغۇنچى ئەخمەقلەر بولۇپ، ئۇلارنىڭ تۈزىلىشى ئۈمىد قىلىنمايدۇ، ئۇلار گۇمراھلىققا، بۇزۇقچىلىققا چۆمۈپ كەتكەن)» دېدى

Choose other languages: