Quran Apps in many lanuages:

Surah Abasa Ayahs #27 Translated in Uyghur

كَلَّا لَمَّا يَقْضِ مَا أَمَرَهُ
ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس (يەنى بۇ كاپىر ئىنسان تەكەببۇرلۇقىدىن يانسۇن)، ئۇ اﷲ نىڭ بۇيرۇغانلىرىنى بەجا كەلتۈرمىدى
فَلْيَنْظُرِ الْإِنْسَانُ إِلَىٰ طَعَامِهِ
(بۇ كاپىر) ئىنسان ئۆزىنىڭ يېمەكلىكلىرىگە (ئىبرەت نەزىرى بىلەن) قارىسۇن
أَنَّا صَبَبْنَا الْمَاءَ صَبًّا
(بىز بۇلۇتتىن) زور مىقداردا يامغۇر ياغدۇردۇق
ثُمَّ شَقَقْنَا الْأَرْضَ شَقًّا
ئاندىن زېمىننى (ئۇنىڭدىن ئۆسۈملۈكلەرنى چىقىرىش بىلەن) ياردۇق
فَأَنْبَتْنَا فِيهَا حَبًّا
سىلەرنىڭ ۋە ھايۋانلىرىڭلارنىڭ مەنپەئەتلىنىشى ئۈچۈن، زېمىندا ئاشلىقلارنى، ئۈزۈمنى، ئوتياشلارنى، زەيتۇننى، خورمىنى، دەرەخلىرى قويۇق باغچىلارنى، تۈرلۈك مېۋىلەرنى، ئوت - چۆپلەرنى ئۆستۈردۇق

Choose other languages: