Quran Apps in many lanuages:

Surah Al-Maeda Ayahs #15 Translated in Uyghur

يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا اذْكُرُوا نِعْمَتَ اللَّهِ عَلَيْكُمْ إِذْ هَمَّ قَوْمٌ أَنْ يَبْسُطُوا إِلَيْكُمْ أَيْدِيَهُمْ فَكَفَّ أَيْدِيَهُمْ عَنْكُمْ ۖ وَاتَّقُوا اللَّهَ ۚ وَعَلَى اللَّهِ فَلْيَتَوَكَّلِ الْمُؤْمِنُونَ
ئى مۆمىنلەر! اﷲ نىڭ سىلەرگە بەرگەن (يەنى سىلەرنى دۈشمىنىڭلاردىن ساقلىغانلىق) نېمىتىنى ئەسلەڭلار، ئەينى زاماندا بىر جامائە سىلەرگە قوللىرىنى ئۇزاتماقچى (يەنى سىلەرنى ئۆلتۈرمەكچى) بولغان ئىدى، اﷲ ئۇلارنىڭ قوللىرىنى سىلەردىن توستى (يەنى سىلەرنىڭ ئۇلارنى زىيانكەشلىك قىلىشىدىن ساقلىدى). اﷲ تىن (اﷲ نىڭ ئەمرىنى ئورۇنلاش، مەنئى قىلغان ئىشلىرىدىن چەكلىنىش بىلەن) قورقۇڭلار، مۆمىنلەر اﷲ قا تەۋەككۈل قىلسۇن
وَلَقَدْ أَخَذَ اللَّهُ مِيثَاقَ بَنِي إِسْرَائِيلَ وَبَعَثْنَا مِنْهُمُ اثْنَيْ عَشَرَ نَقِيبًا ۖ وَقَالَ اللَّهُ إِنِّي مَعَكُمْ ۖ لَئِنْ أَقَمْتُمُ الصَّلَاةَ وَآتَيْتُمُ الزَّكَاةَ وَآمَنْتُمْ بِرُسُلِي وَعَزَّرْتُمُوهُمْ وَأَقْرَضْتُمُ اللَّهَ قَرْضًا حَسَنًا لَأُكَفِّرَنَّ عَنْكُمْ سَيِّئَاتِكُمْ وَلَأُدْخِلَنَّكُمْ جَنَّاتٍ تَجْرِي مِنْ تَحْتِهَا الْأَنْهَارُ ۚ فَمَنْ كَفَرَ بَعْدَ ذَٰلِكَ مِنْكُمْ فَقَدْ ضَلَّ سَوَاءَ السَّبِيلِ
شۈبھىسىزكى، اﷲ ئىسرائىل ئەۋلادىدىن مەھكەم ئەھدە ئالدى، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن (يەنى ئون ئىككى ئايماقنىڭ ھەر بىرسىدىن بىردىن) ئون ئىككى باشلىقنى (كېپىللىك ئۈچۈن جەببارلارغا يەنى ئەمالىقەلەرگە) ئەۋەتتۇق ھەمدە اﷲ: «مەن سىلەرگە ياردەم بېرىمەن، (ئى ئىسرائىل ئەۋلادى! اﷲ بىلەن قەسەمكى) ئەگەر سىلەر نامازنى (تەئدىل ئەركان بىلەن) ئۆتىسەڭلار، زاكات بەرسەڭلار، پەيغەمبەرلىرىمگە ئىمان ئېيتساڭلار ۋە ئۇلارغا ياردەم بەرسەڭلار، اﷲ قا قەرزى ھەسەنە بەرسەڭلار (يەنى اﷲ نىڭ يولىدا پۇل - مېلىڭلارنى سەرپ قىلساڭلار)، ئەلۋەتتە سىلەرنىڭ گۇناھىڭلارنى يوققا چىقىرىمەن، سىلەرنى ئەلۋەتتە ئاستىدىن ئۆستەڭلار ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرگە كىرگۈزىمەن. شۇنىڭدىن (يەنى مەھكەم ئەھدىدىن) كېيىن سىلەردىن كىمكى (ئەمر قىلغان نەرسىلىرىمنى) ئىنكار قىلىدىكەن، ئۇ ئەلۋەتتە توغرا يولدىن ئازغان بولىدۇ» دېدى
فَبِمَا نَقْضِهِمْ مِيثَاقَهُمْ لَعَنَّاهُمْ وَجَعَلْنَا قُلُوبَهُمْ قَاسِيَةً ۖ يُحَرِّفُونَ الْكَلِمَ عَنْ مَوَاضِعِهِ ۙ وَنَسُوا حَظًّا مِمَّا ذُكِّرُوا بِهِ ۚ وَلَا تَزَالُ تَطَّلِعُ عَلَىٰ خَائِنَةٍ مِنْهُمْ إِلَّا قَلِيلًا مِنْهُمْ ۖ فَاعْفُ عَنْهُمْ وَاصْفَحْ ۚ إِنَّ اللَّهَ يُحِبُّ الْمُحْسِنِينَ
ئەھدىنى بۇزغانلىقلىرى ئۈچۈن ئۇلارنى رەھمىتىمىزدىن يىراق قىلدۇق، ئۇلارنىڭ دىللىرىنى (ئىماننى قوبۇل قىلىشقا يۇمشىمايدىغان دەرىجىدە) قاتتىق قىلدۇق، ئۇلار (تەۋراتنىڭ) سۆزلىرىنى ئۆزگەرتىۋېتىدۇ، ئۇلار (تەۋراتتا) ئۆزلىرى ئۈچۈن قىلىنغان نەسىھەتنىڭ بىر قىسمىنى ئۇنتۇدى. (ئى مۇھەممەد!) ئۇلارنىڭ ئازغىنىسىدىن باشقىسىنىڭ خىيانەت قىلغانلىقىنى بايقاپ تۇرىسەن، (ئەگەر تەۋبە قىلسا) ئۇلارنى ئەپۇ قىلغىن، (ئەگەر ئىمان ئېيتسا) ئۇلارنى كەچۈرگىن، اﷲ ھەقىقەتەن ياخشىلىق قىلغۇچىلارنى دوست تۇتىدۇ
وَمِنَ الَّذِينَ قَالُوا إِنَّا نَصَارَىٰ أَخَذْنَا مِيثَاقَهُمْ فَنَسُوا حَظًّا مِمَّا ذُكِّرُوا بِهِ فَأَغْرَيْنَا بَيْنَهُمُ الْعَدَاوَةَ وَالْبَغْضَاءَ إِلَىٰ يَوْمِ الْقِيَامَةِ ۚ وَسَوْفَ يُنَبِّئُهُمُ اللَّهُ بِمَا كَانُوا يَصْنَعُونَ
بىز ناسارامىز دېگەنلەردىنمۇ (اﷲ نى بىر دەپ تونۇشقا ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئىمان ئىېيتىشقا) مەھكەم ئەھدە ئالدۇق، ئۇلار (ئىنجىلدا) ئۆزلىرىگە قىلىنغان نەسىھەتنىڭ بىر قىسمىنى ئۇنتۇدى، (بۇنىڭ جازاسى ئۈچۈن) ئۇلارنىڭ ئارىسىغا قىيامەتكىچە ئاداۋەت ۋە دۈشمەنلىك سالدۇق، (شۇ چاغدا) اﷲ ئۇلارغا قىلمىشلىرىنى ئېيتىپ بېرىدۇ (يەنى ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ قەبىھ ئەمەللىرىنىڭ جازاسىنى تارتىدۇ)
يَا أَهْلَ الْكِتَابِ قَدْ جَاءَكُمْ رَسُولُنَا يُبَيِّنُ لَكُمْ كَثِيرًا مِمَّا كُنْتُمْ تُخْفُونَ مِنَ الْكِتَابِ وَيَعْفُو عَنْ كَثِيرٍ ۚ قَدْ جَاءَكُمْ مِنَ اللَّهِ نُورٌ وَكِتَابٌ مُبِينٌ
ئى ئەھلى كىتاب! (يەنى يەھۇدىيلار ۋە ناسارالار) سىلەرگە سىلەر كىتابتا (ئىنجىلدا ۋە تەۋراتتا) يوشۇرغان نۇرغۇن نەرسىلەرنى بايان قىلىپ بېرىدىغان ۋە (يوشۇرغان نەرسىلەردىن) نۇرغۇنىنى كەچۈرىدىغان (ئاشكارىلاپ سىلەرنى پاش قىلمايدىغان) رەسۇلىمىز كەلدى، سىلەرگە اﷲ تەرىپىدىن نۇر (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام) ۋە روشەن كىتاب (يەنى قۇرئان) كەلدى

Choose other languages: